شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى جېجياڭ ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى
چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىش شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جياڭ فېڭپىڭ:
«يېڭى ئېنېرگىيە +» ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە كۈچ قوشۇلسا
时间:2026年02月12日
来源:吐鲁番日报
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا نىشان ئايدىڭ، پىكىر يولى ئوچۇق بولغان، ھەم ئالدىن كۆرەرلىك نەزەر دائىرىگە ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىگە ئىگە، ھەم تۇرپاننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
تۇرپاننىڭ شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى بايلىقى مول بولۇپ، 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسىنىڭ پۇختا ئاساسىنى شەكىللەندۈردى. ھازىر، پۈتۈن شەھەر «يالقۇنتاغدىن ھالقىش» ھەرىكەت پىلانىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، زامانىۋى كەسىپلەر توپى ۋە «9358N» كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلماقتا. يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىسىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كارخانىنىڭ مەبلەغ سېلىپ قۇرۇش ۋە تىجارەت باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ مۇقىم توك تارقىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن. ھازىرقى يېڭى ئېنېرگىيە دۇچ كەلگەن يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن ۋاز كېچىش، شامال ئېنېرگىيەسىدىن ۋاز كېچىش ھەم ئىشلىتىش يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا، بىز يۇقىرى سەرپىياتلىق كارخانىلار بىلەن بولغان باغلىنىشلىق تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز.
شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پىچان تاش ماتېرىياللىرى سانائەت باغچىسى قاتارلىق كەسىپلەر توپلاشقان رايون ياكى نۇقتىلىق كارخانىلاردا «يېڭى ئېنېرگىيە + يۇقىرى ئېنېرگىيە سەرپىياتى» ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇپ، «مەنبە، تور، يۈك كۆتۈرۈش، ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» قاتارلىق ئەندىزىلەرنى قوللىنىشقا ئىلھام بېرىشىنى؛ شەھەر دەرىجىلىك يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش فوندى تەسىس قىلىپ، سىياسەتتە ئېتىبار بېرىپ، كارخانىلارنىڭ يېشىل توك ئىستېمالى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلىرىگە بىرلەشتۈرۈشىنى؛ بۇنىڭدىن باشقا، تۇرپاندىكى قۇملۇق، چۆللۈك قاتارلىق ئەۋزەللىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» يولى قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى مۇھىم يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرىنى ياساش ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش بازىسىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. (MS)
(تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ زىئاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرى شا شۈەن رەتلىگەن)