شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، پىچان ناھىيەلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر خۇ يەنپىڭ:
دىققەت ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنىڭ تۆۋەنگە يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇنسا
时间:2026年02月12日
来源:吐鲁番日报
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ تۆۋەنگە چۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، داۋالاش - سەھىيە ئاساسىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىزگە ھەرىكەت يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، «داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا»نى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ئاممىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىگە بولغان ئارزۇسىغا دەل جايىدا ئىنكاس قايتۇردى.
ھازىر، ئاساسىي قاتلام يەنىلا بايلىق، ئىختىساسلىقلار، ئۈسكۈنىلەر كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، قىسمەن ئاممىنىڭ «كېسەل كۆرسىتىش يىراق بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش»تەك قىيىن ئەھۋالى تېخى تولۇق ھەل قىلىنمىدى. سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاساسىي قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى، زىچ تىپتىكى ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ساغلاملىق ئارقىلىق خەلققە قولايلىق يارىتىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى ھەقىقىي راۋانلاشتۇرۇشنى داۋاملىق مۇراجىئەت قىلىمەن.
داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە چىقىم قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دورا خورىما ماتېرىياللىرى ئوبوروتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كىلىنىكىلىق مەخسۇس بۆلۈملەر ۋە جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىقلارغا ماس كۈچەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، داۋالاش ئىشلىرىنىڭ ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق داۋالاشقا يېڭى قۇۋۋەت قوشۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنىڭ دىياگنوز قويۇشقا ياردەم بېرىش، يىراقتىن داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش؛ «ھۆكۈمەت، داۋالاش ئورگىنى، پەن تەتقىقات ئورنى، كارخانا» ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئۆلچەم ۋە بىخەتەرلىك قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كىلىنىكىدا چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ تۈجۈپىلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە كۈچ قوشۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن. (MS)
(تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ زىئاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرى شا شۈەن رەتلىگەن)