شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، توقسۇن ناھىيەلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى
بايلىق سودا مەركىزى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر رازىيەگۈل ساۋۇر:
يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىمەن
时间:2026年02月12日
来源:吐鲁番日报
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى ھەربىر سۆز ئەمەلىي بولۇپ، ھەربىر جۈملە سۆز قەلبلەرنى ئىللىتىدۇ، سۈرەتلەپ بېرىلگەن خەلق تۇرمۇشى ئۇلۇغۋار پىلانى كىشىنى تولىمۇ ئىلھاملاندۇرىدۇ. دوكلاتتا كارخانىلار، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەر چىڭ كۆزلىنىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەستايىدىللىق بىلەن مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، دوكلاتنىڭ روھىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرىمەن. بىر تەرەپتىن، ياخشى ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىسى بولۇپ، دوكلات روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشى، ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولىمەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى ياخشى يەتكۈزگۈچى بولۇپ، كارخانىلار، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا توپلاپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نى يېتەكچى قىلىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى مۇلازىمەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئىللىق مۇلازىمەت ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى ۋەدىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر ئىش» ئارقىلىق ئاممىنىڭ «قەلبىدىكى ئىش»نى بېجىرىمەن. (MA)
(تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى مەدىنۇر تۇرسۇن، ئىختىيارىي مۇخبىرى خەن دۇڭ رەتلىگەن)