上一版/ 03 版:要闻 /下一版  [查看本版大图
«يېڭى ئېنېرگىيە +» ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە كۈچ قوشۇلسا دىققەت ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنىڭ تۆۋەنگە يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇنسا يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىمەن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرىمەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىمىز قوغۇن ـ تاۋۇز سېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كەسىپ بېسىمى يېنىكلىتىلسە شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى 2025 - يىللىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى
本版导航 各版导航 视觉导航 标题导航
选择其他日期报纸

شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، توقسۇن ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى لى بىن:

ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرىمەن

时间:2026年02月12日     来源:吐鲁番日报
  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ باش تېمىسى روشەن، پىكىر يولى ئېنىق بولۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى مائارىپ ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تۇرپاننىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بولۇپ، بىزنىڭ ئوقۇش - ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشىمىزغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.
  بىرىنچى سەپتىكى مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئىككى يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۆز خىزمىتىم بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىمەن. «داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار يېتەكلەش»، «ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى ئورتاق بەرپا قىلىش» مېخانىزمىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتۇش بايلىقىنىڭ مەكتەپ ئىچىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۆتكىلىشىگە، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلىنىپ، ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولىمەن. «ئىككىنى ئازايتىش» سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەرسخانىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، دەرستىن كېيىنكى ۋاقىتنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرىدىغان «ئىككىنچى دەرسخانا»غا ئايلاندۇرىمەن. ئائىلە، مەكتەپ بىلەن مەھەللە ئوتتۇرىسىدىكى ئورگانىك جىپسىلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلىشىنى ئالغا سىلجىتىمەن. (MA)
  (تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى مەدىنۇر تۇرسۇن، ئىختىيارىي مۇخبىرى خەن دۇڭ رەتلىگەن)