شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى رەيھانگۈل ئەخمەت:
ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىمىز
时间:2026年02月12日
来源:吐鲁番日报
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى يېڭى پىكىر يولى، يېڭى تەدبىرلەر كىشىنى ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇرىدۇ. پۈتۈن شەھەردىكى مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر دوكلاتتىكى تەلەپلەرگە قاتتىق ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، غايە - ئېتىقادى، ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى - يېتىلىشى ۋە بىلىم جۇغلانمىسىنى كۈچەيتىپ، دەۋر ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېتىشتۈرىدۇ.
ئاساسىي مائارىپ جەھەتتە، مائارىپ بايلىقىنى تەكشى تەقسىملەشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر ـ يېزا، رايونلارنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، مائارىپ ئادىللىقى بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنىڭ ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمىز. كەسپىي مائارىپ جەھەتتە، تۇرپاننىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ماسلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش قاتتىق دېتاللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازاردا قىس بولۇۋاتقان ساھەلەرگە دەل جايىدا ئۇدۇللىشىپ يۇقىرى ساپالىق ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى نىشانلىق يېتىشتۈرۈپ، مائارىپنىڭ يەرلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ماسلىشىشچانلىقى ۋە تىرەك كۈچىنى ئاشۇرىمىز. مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى جەھەتتە، ئىلمىي تەرەققىيات خاراكتېرلىك باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ساپا مائارىپى ئەمەلىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، جاسارەت بىلەن تۇرپان مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز. (XI)
(تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ئادىلە مەمتىمىن رەتلىگەن)