شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ يەن:
قوغۇن ـ تاۋۇز سېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كەسىپ بېسىمى يېنىكلىتىلسە
时间:2026年02月12日
来源:吐鲁番日报
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بۇ يىللىق قوغۇن - تاۋۇز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئورۇنلاشتۇرما، ئورۇن بېكىتمىسى دەل جايىدا، يول ئېنىق بولۇپ، كېيىنكى خىزمەتلەرگە يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. دوكلاتتا، بۇ يىل پۈتۈن شەھەرنىڭ قوغۇن - تاۋۇز تېرىلغۇ كۆلىمىنى 300 مىڭ موغا مۇقىملاشتۇرۇپ، ھوسۇلنى 600 مىڭ توننا ئەتراپىغا يەتكۈزۈش كېرەك، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئەگەر ئىككى ئايدا مەركەزلىك بازارغا سېلىنسا، سېتىش بېسىمى بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ، شۇڭا جەزمەن ئالدىن پىلانلاش كېرەك.
مەن نۇقتىلىق ھالدا ئۈچ جەھەتتىن تەكلىپ بېرىمەن: بىرىنچى، بازارغا سېلىش دەۋرىنى ئۇزارتىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن قوغۇننى پارنىكتا تېرىش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، پارنىك تېرىقچىلىقىدا قوغۇن - تاۋۇزنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭشەپ - تىزگىنلەپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلى بىلەن تاقاشتۇرماي بازارغا سېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارقاقلاشتۇرۇپ، مەركەزلىك سېتىش بېسىمىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ئىككىنچى، سورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھازىرقى قىزىل ئەتلىك، چۈرۈك ئەتلىك سورتلار ئاساسىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق بازارلارغا قارىتا يۇمشاق ئەتلىك سورتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، يېشىل ئەتلىك تىپىدىكى كۆپ خىل سورتنى يېتىشتۈرۈپ، بازار قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، پىششىقلاش تىپىدىكى سورتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈش پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، قوغۇن قېقى، قوغۇن شەربىتى ئىشلەشكە ماس كېلىدىغان چۈچۈمەل، تاتلىق تىپتىكى پىششىقلاشتا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان سورتلارنى ئالدىن يېتىشتۈرۈپ، كەسىپنىڭ ھۆل ئىستېمال قىلىش ۋە پىششىقلاشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قوشۇلما قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سېتىش بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىش كېرەك. (XI)
(تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى جاپپار ساتتار، ۋاڭ يۇڭمىڭ رەتلىگەن)