|
|
|
| 本版导航 |
各版导航
|
视觉导航
|
标题导航
|
选择其他日期报纸
|
|
年 |
|
月 |
|
|
|
شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى 2025 - يىللىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى
时间:2026年02月12日
来源:吐鲁番日报
(بېشى 1 - بەتتە) ۋېن تيەنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن سىياسىي ئەقىل - پاراسەت ۋە پارتىيەۋىلىك ئوزۇقى ئېلىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تۈپ ئۆلچەم قىلىپ، «باش شۇجىنىڭ بۇيرۇقى بولسا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدا ئورۇنلاشتۇرما بولسا، ئاپتونوم رايون ھەرىكەتكە كېلىش، تۇرپان باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش»نى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق قابىللىققا باھا بېرىدىغان روشەن يۆنىلىش تۇرغۇزۇپ، ئىسلاھاتقا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىدىغان، سەۋەنلىككە كەڭ قورساق بولىدىغان ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قويۇق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان تۇرپان «5232» سىستېما رامكىسى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، «9358N» زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «يېڭى ئاساسنى پۇختىلاش، يېڭى ئاساسىي قاتلامنى كۈچلۈك قۇرۇش، يېڭى ئاساسىي ماھارەتنى يۈكسەلدۈرۈش»تىن ئىبارەت پۇختىلاش يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ «كېيىن تەرەققىي قىلىپ تېز ئىلگىرىلەش، يېتىشىۋېلىش - ئېشىپ كېتىش - ھالقىپ ئۆتۈش»تەك كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن روھ بىلەن ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسەن تۈزىتىشتىكى نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، «چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش كىرىچىنى باشلامچىلىق بىلەن چىڭىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان، يېڭىلىق يارىتىپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك. ۋېن تيەنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى پۈتۈن شەھەرنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدىكى باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلىرى»نى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يىغىن نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە بەنزىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى يۇقىرى - تۆۋەندىكىلەرنى بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەشكە تېخىمۇ ياخشى يېتەكلەپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، «15 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ تۇرپان قۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈشى كېرەك. (MS)
|
|
|