上一版/ 03 版:要闻 /下一版  [查看本版大图
«يېڭى ئېنېرگىيە +» ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە كۈچ قوشۇلسا دىققەت ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنىڭ تۆۋەنگە يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇنسا يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىمەن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرىمەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىمىز قوغۇن ـ تاۋۇز سېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كەسىپ بېسىمى يېنىكلىتىلسە شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى 2025 - يىللىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى
本版导航 各版导航 视觉导航 标题导航
选择其他日期报纸

تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى

时间:2026年02月12日     来源:吐鲁番日报
  (بېشى 1 - بەتتە) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تۇرپاننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، «5232» سىستېما رامكىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، پائال پىلانلاپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، رايون خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.
  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپ، ئىجتىھات بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى ئىقتىدارى، قابىلىيىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە تەربىيەلەش ئىنتىزام تەلىپىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆگىنىش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، تەربىيەلەش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تۇرپاننىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل بىلەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان تۇرپان قۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك. (MH)